|
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى http://www.misranim.com Bikat Bax layilGuqi,Ababakri Muhtar Misran
住宅地址:塔西南石油基地 o(∩_∩)o...哈哈
بېكەت ھەلەكچىلىكىدە لىرىكامنى
تاشلىۋەتكىلى نەچچە ئايلار بولۇپتۇ.. (~0~) 嘻嘻…… ھېكايەمنىڭ بېشىدىلا سىزگە مۇنداق بىر ئاڭلىغان تەسىرلىك ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي مۇنداق بىر ھىكايە بۇلۇپ ھىكايىدىكى باش پۇرسىناژ ئىككى ساراڭ ،ئۇغۇل ساراڭلىقىدىن كۇندە تاققا-تۇققۇ گەپلەرنىلا قىلىپ ئولتۇرىدۇ ،قىز بولسا ئۇغۇل بالىغا كۇلگەن پېتى قاراپ تۇرىدۇ . ئەسلى بۇ ئىككيىلەن تۇنۇشمايتتى ،ئۇغۇل شىمالدىن قىز جەنۇپتىن بۇلۇپ ،ھەر ئىككىسىنى ئۆيدىكىلەر ساراڭ دەپ باقمىغان ،شۇڭا ئۇلار ئالدى قايسى تەرەپكە قارىسا شۇتەرەپكە مېڭىپتۇ،قىز جەنۇپتىن شىمالغا ئۇغۇل شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭپتۇ ،مەلۇم بىر كۇنى كۆز قاراڭغۇلاشقان ۋاقىتتا قىز بىلەن ئۇغۇل ئىككىىسى بىرلا ۋاقىتتتا يەردىكى ناننى كۇرۇپ قاپتۇ ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا ناننى ئالىمەن دەپ بېشى سۇقۇشۇپ كىتىپتۇ ،ئۇغۇل قىزغا بىرنى ئاليىپ قۇيۇپ ناننى ئېلۋاپتۇ ،لىكىن قىز يەنىلا ئۇنىڭغا قاراپ كۇلۇپلا تۇرۇپتۇ ،يىگىت ناننى ناھايتى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلاپتۇ ،قىز يەنىلا شۇ پېتى قاراپ تۇرغىدەك ،يىگىت نان يىيشتىن توختاپ ئۇنىڭغا قاراپتۇ ،ئىككىسى ئەنە شۇنداق قارىشىپ تۇرۇپتۇ ،يىگتتە ھېچقانداق ئىپادە يوق قىز بولسا كۇلۇپلا تۇرغىدەك يىگىت قۇلىدىكى ناننى قىزغا بىرىپتۇ ،قىزمۇ ناننى ئىشتىھا بىلەن يىيشكە باشلاپتۇ ،يىگىت كەينگىمۇ قارىماستىن مېڭىپتۇ ئۇ تاكى ئۆزىگە ئۆي قىلۋالغان بىر ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇخلاشقا تەمشەلگىچە ئۇ قىز نىڭ كەيىدىن كەلگىنىنى تۇيماپتۇ ،ئۇ قىزغا قاراپتۇ ،قىز يەنىلا ئۇنىڭغا قاراپ كۇلۇپ تۇرغىدەك ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرىگە تۇرۇپتۇ ،كۇندۇزى بىللە سىرتقا چىقىپ يەيدىغان نەرسە ئىزدىسە كەچتە يەنە شۇيەرگە قايتىپ كىلىدىكەن ،بىركۇنى يىگىت بىردانە ئۈزۈك تېپىۋاپتۇ ۋە ئۇنى قىزنىڭ قۇلىغا سېلىپ قۇيۇپتۇ ،قىز يەنىلا ئۇنىغا قاراپ كۇلۇپتۇ ،لىكىن ئۇ كۇنى ناھايتتى قاتتىق كۇلۇپتۇ ،ئەتىسى قىز ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ ،يىگىت سىرتقا چىقىپ بىر نان ۋە بىر دانە ئاغزى ئېچىلمىغان مىنىرالسۇنى كۇتۇرۇپ كىرىپ قىزغا بىرىپتۇ ،قىز ئۇنىڭ يۇزىدىكى يارىنى ۋە بۇرنى ئاستىدىك قان داغلىرىنى كۇرۇپتۇ ،يىگىت سۇ ئوغۇرلىغاندا دۇكان خۇجايىنىدىن تاياق يىگەن ئىكەن.قىز تېخىمۇ قىزىتىپ ئاغرىشقا باشلاپتۇ ،يىگىت كۇچىغا چىقىپ بىر كۆك رەڭلىك فورما كەيگەن كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ ،ئۇ ئادەم يىگىتنى ئۇرۇپ<ساراڭ>دەپ تىللغىنىچە كىتىپ قاپتۇ ،يىگىت قىزنى كۇتۇرۇپ كۇچىغا چىقىپتۇ ۋە كىشلەرگە <ئۇنى قۇتقۇزۋېلىڭلار> دەپ يېلىنىپتۇ ،ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمىنىڭ كارى بولماپتۇ ئاخىرى يىگىت يەردىكى ئەينەك پارچىسى بىلەن قىزنىڭ قۇلىنى كىسىپ قاننى قىزنىڭ بەدىنگە سۈركەپ تۇرۇپ <ھا !ھا!ھا!مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم >دەپ ۋارقىراپتۇ ،قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئاخىرى يىتىپ كەپتۇ قىز ئۇنىڭغا قاراپ كۇلگىنىچە ماشىنىغا بېسىلىپ ئېلىپ كىتىلپتۇ ،كىشلەر يىگىتىنى تىللشىپتۇ ،قىز يەنىلا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىپتۇ ،يىگىت قانچە ساقلىغان بولسىمۇ قايتىپ كەلمەپتۇ .ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ كىشلەر ئۇ ئىككىسى تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ئەخلەت ساندۇق تۈۋىدە بىر يىگىتنىڭ بىر قۇلىدا نان يەنە بىر قۇلىدا تېخى ئاغزى ئېچىلمىغان مىنىرال سۇنى تۇتقىنىچە ئۆلگەنلىكىنى كۇرۇشۇپتۇ .
ئېغىزدا ئۇنۇتتۇم دىگىنىم بىلەن، كۆڭلۈمنىڭ بىر يىرى خالايدۇ سىنى. چۈنكى سەن قەلبىمنىڭ تۇنجى مىھمانى، ئۇنۇتساڭ ھەممىنى ئۇنۇتما مىنى.
كۈن بويى يۈرۈيمەن سىنىلا ئەسلەپ، يوقمىكىن دەردىمگە يىتەر بىر كىشى. سۆيسەڭمۇ ئەگەردە باشقا بىرىنى، تىلەيمەن ھەرگىزمۇ ئۇنۇتما مىنى.
ۋاقىت قىس بولسىمۇ ئەسلەپ قويارسەن، ئشقىڭدا كۆيگەن شۇ ئوتلۇق يۈرەكنى. خوشلاشقىم يوق بىلسەڭ ئەسلى سەن بىلەن، دىسەممۇ يەنە شۇ ئۇنۇتما مىنى.
ئىز تىراپ خىياللار ئالغاندا دىلنى ، يەنە شۇ سېغىنىش، يەنەشۇ ئەسلەش. بىلمىدىم ، ئەجەپمۇ سىرلىق تۇيۇلدى، ئۆتكەنكى ئىشلارنى قايتىدىن ئەسلەش
بىلمىدىم كىمنى دەپ ھايات ياشاشنى ، بىلمىدىم بۇ چىگىش خىيال يىشىشنى . كىم مىنى ئىتتىرىپ كىرگەن بولغىيتتى ، ھېچ ئامال تاپالمىدىم قانداق قېچىشنى .
نە ھاجەت ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلەش ، بىھۇدە ئازاپلاپ زىدە يۇرەكنى . ئەرزىمدۇ سوراپ باق ۋىجدانىڭدىن سەن ، يەنىلا ئەسلەمسەن ، نامەرد يۈرەكنى .
بىلەمسەن يايرىم ... سېنى تۇنجى كۆرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ،سەن ھاياتمدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدىڭ ... ساڭا ئۆزۈمنىڭ قانداق باغلىنىپ قالغانلىقىمنۇ ھېچ بىللەلمىدىم ..بۇرۇن بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىش دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىسام ،ئۆزەمچە ھەيران بولۇپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كېتەتتىم ..مانا ئەمدى ..ئۇ سۆزگە راستىنلا ئىشەنگەندىم..كېيىن سەن بىلەن تۇنۇشتۇم ..سېنىڭ ئاشۇ خۇشچاقچاق ، سۆزمەن ،دائىم كۆلۈپ يۈرىيدىغان مىجەزىڭنى تۇلىمۇ ياقتۇرۇپم قالغان ئىدىم . كېيىن ساڭا ئاستا --ئاستا يېقىنلىشپ كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسنى ساڭا ئېيتتىم . سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىڭ ..ھەم ماڭا قاراپ تۇرۇپ ، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسگە ئىشندىغانلىقنى ،لېكىن ھازىر ئالىي مەكتەپنى ياخشى ئۇقۇپ ئۇ ئىشلارنى كېيىنچە ئويلىشدىغانلىقنى ئېيتتىڭ. مەن ساڭا قاراپ سېنى ساقلايدىغانلىقىمنى ، كۈتىدىغانلىقمنى ئېيتتىم ... سېغىنش ،كۈتۈش قانچلىك ئازابلىق بولىسمۇ سەۋىر بىلەن سېنى كۈتىمەن... مەن ھاياتىمىزدا شۇنداق ۋىسال شاتلىقىىغا چۆمگەن بەختلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۆزەمنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلشقا باشلىدىم..... ئېھ ! ئاشۇ بەختىلىك كۈنلەر بىزگە مەڭگۈ مەنسۈپ بولغۇسى!! راسىت ، سىزگىمۇ ئاشۇنداق بەختلىك كۈنلەر نېسىپ بولسۇن ....
سۆيىمەن دەيدۇ بىرسى مىنى ، راسمۇ يالغانمۇ بىلمەيمەن پەقەت . سۆيسەڭ ئەگەر چىن دىلىڭدىن مىنى ، قىلما ھەرگىز ۋىجدانسىزلىق پەقەت
كۆيدۈم ،پىشتىم دەيدىكەن بەزىلەر ، بارمىدۇ دۇنيادا چىن مۇھەببەت . بولسا گەر بۇنداق شىرىن ئىستەكلەر ، سۆيەتتىم سىنى مەن ئەبەدىل ئەبەت
ھەسرىتا سەن مېنى كۆرۈپ قالمىغىن، سۆيگۈسىز كوچامدا يۈرۈپ قالمىغىن. مەن ئۈچۈن خىياللار سۈرۈپ سالمىغىن، شۇبولدى يۈرەكتىن سۆيگۈنۈم سېنى
1. بەزىدە، سىز تەقدىر بىلەن ئىلىشىپ يۈرۈپ ئىرىشكەن نەرسىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالىسىز . 2. قىزىش بەزىدە سىسىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ . 3. ھەقىقى سۆيگۈ قەسەم ئالدىدا قورۇنۇپ قالىدۇ . 4. باشقىلارنى قورقىتىدىغان كىشى ، قورقۇشنى ئەڭ قورقۇنچلۇق دەپ قارايدۇ . 5. دۇنيادا ، قەدىمدىن تارتىپ شائېر ، ھاراقكەش ۋە كىچىك بالىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىشىلا ئەپۇ قىلىنىپ كەلمەكتە . 6. كامالەتكە يەتكەندە ھاياتنىڭ قىزىقى قالمايدۇ . 7. ئىيتىڭە ، ئىت بىلەن ئادەمنىڭ قايسى سەمىمى ؟ نوپۇزلۇقلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ ،ئۇلارمۇ ئەۋرىتىنى ئىشتان بىلەن ياپىدۇ . 8. قاتتىق ھۆكۈرەيدىغان ئادەمنىڭ ئالۋاستىدىن قورىقماسلىقى ناتايىن . 9. ۋىجدان ،كىشىلەر مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان تەڭشىگۈچ . 10. بۇزۇلغام مۇھەببەت ئىنتايىن گۈزەل بىر خىل ئىستىتىك تۇيغۇ ، ئەپسۇسكى ، مۇھەببىتى بۇزۇلغان كىشىلەر بۇ خىل تۇيغىدىن بەھىرلىنىشنى بىلمەيدۇ . 11. ئىتنىڭ تىزىكىنى دەسسىۋالغان كىشى ، ئىتنىڭ تىزىكىدىنلا يىرگىنىدۇ . 12. ئادەم دوۋزاققا كۆنۈپ قالسا ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم يىغا-زارە قىلىشىدۇ . 13. ئازاب بىردەمدىن كىيىنلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، ئەمما بۇ يەردىكى ‹‹بىردەم›› ئاز دىگەندىمۇ يۈز يىلغا باراۋەر . 14. دىڭىزنى خۇدا ، ئازاب دىڭىزىنى ئىنسانلار ياراتقان . 15. يالغانچى ئادەم خاتىرسى كۈچلۈك ئادەمدىن بەك قورقىدۇ . 16. بوتۇلكىنى قانچە ئاۋايلىسىڭىز شۇنچە ئۇزۇن چىدايدۇ ، دوسلۇقمۇ شۇنداق . 17. ‹‹پۇل كۆپىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە ، ئاندىن ئۇنىڭ كىرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.›› بۇ سۆزگە كىشىلەر ئىشەنمەيدۇ , ئەمما بۇ ھەقىقەت . .
كۆڭلۇڭ يېرىم بولمۇسۇن مەندىن، سۆيگۈمىزدىن قىلما ھەرگىز غەم. قەدىرلىسەڭ تەئەللۇق سۆيگۈم، قارچۇغۇڭنى قاپلىمىسۇن نەم.
مەيلى يېنىمدا ياكى يىراقتا بول يەنىلا تەكرارلاپ تۇردىغىنىم -- سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن
*^0^* بۇلار سىزگە يارىدىمۇ،،مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىڭىز ھاردۇقتىن چىقتىمۇ؟ئەمسە ئىچى يامانلىق قىلماي QQ دا قانچە دوستىڭىز بولسا شۇنچىسىگە يوللاپ ئۇلارنىمۇ مۇھەببەت يولىدا سەگىتىڭ،مىسرانىم تور بېكىتى مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ 5~6~7 ....قاتارلىق سانلىرىنىمۇ داۋاملىق ھوزۇرىڭلارغا سۇنىدۇ،بۇ ئادرىسنى ئامال بار QQ ئارخىپىڭىزغا چاپلىۋىلىڭ،نۇرغۇن دوستلار بۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولسۇن
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى ddddddd
|
QQ:364103