|
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى http://www.misranim.com Bikat Bax layilGuqi,Ababakri Muhtar Misran
住宅地址:塔西南石油基地 o(∩_∩)o...哈哈 كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى ئوقۇپ مېنى راس شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولدىڭىزمۇ دەپ سورىدى،ئۇنداق ئەمەس،بۇ بىر خىيالى توقۇلما، مەن بولسام تۇرمۇش،مۇھەببەت ئىشلىرىدا نورمال كېتىۋاتقان ئاددىي بىر ئىنسان خالاس! يېقىندىن بۇيان ئالدىراشلا بولۇپ قېلىپ يالغانچى بولۇپ قالدىم،كۆپلىگەن تورداشلار 8-قىسىمنى تېزراق ئىشلىشىمنى دەۋاتقىلى بىر ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ۋاقتىم چىقماي قالدى،چۈنكى پۈتۈن بىر توربەتنى توربەت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر كېتىدىكەن،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئالاھىدە سانىنى چوقۇم كۆڭلۈڭلار سۇ ئىچكىدەك چىن ھەقىقىي تۈردە يېزىپ چىقىشقا تېرىشىمەن! ئەمسە تىڭشىغۇچنى ئېچىپ قويۇپ ئاڭلاڭ،شۇندىلا ئەسەر مەزمۇنىغا چۆكۈپ كىرەلەيسىز! چچ دىكى دوستلىرىڭىزدىن 5 ئادەمگە بۇنى يوللاپ قويۇڭ،شۇندىلا مەن قىلغان ئىشىمدىن رازى بولىمەن! مىسرانىم باش بېكەت قۇرغۇچى ۋە لاھىيلىگۈچى،،ئابابەكرى مۇختەر (مىسران) (~0~) 嘻嘻…… باشتىلا يىغا تۇتۇپ كېتىپ بارىدۇ،مۇھەببەتلىك قەلبىم يىغلاۋاتىدۇ،مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ دەردنى كىمگە ئېيتىمەن،دادامغىمۇ؟ياق،ئاپامغىمۇ،ياق،ئۆزۈملا بىلسەم بولىدۇ،لىرىكام بىلەن دەرتلەرنى تەڭ يۇيۇپ چىقىرۋىتىشكە تېرىشاي،بۇ قېتىم بولسىمۇ سېنى چىن قەلبىمدىن سېغىناي،بەلكىم بۇ سېنى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر ھەم ئەڭ سەمىمىي سېغىنشىمدۇر! مۇھەببەتلىك كوچىغا كىرىپ قالغىنىم ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىم مۇھەببەت ھەم ئۇنى چۈشىنىش ھەم چۈشەندۈرۈشكە كېتىپ بارىدۇ! مەندە نېمە ئامال، ئاللاھ كىشى يۈرىكىنى گۆشتىن يارىتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن قانداق قىلالايمەن! زادى نېمە ئىش قىلالايمەن؟ يىغلىيالايمەن،سېنى سېغىنالايمەن! شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن مۇھەببىتىنىڭ ناھايىتى ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىمەن! بىراق ھېچايسىسى كار قىلمايدۇ،مەن يىغا كوچامدا سەم خوشاللىق مەھەللەڭدە كېتىۋىرسەن،بىراق سەنمۇ ھامان بىر كۈنى يىغلاپ قالىسەن! يەنىلا چىن قەلبىمدىن يىغلىمسالىقىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن،چۈنكى مەن سېنى سۆيىمەن! سېنى بەختىم دەپ بىلىمەن! بىلىمەن،سەنمۇ مەن ئۈچۈن نەچچە نەچچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن بولغىيتىڭ؟ پەقەت مەن ئۈچۈن نۇرغۇن دوستلىرىڭنى ئىزدەيدىغان ۋاقتىىڭنى ماڭا چىقارغان بولغىيتىڭ؟ بىراق مەن،،بىراق سەن،،ئىككىلىمىز قەدرىمىزگە يەتمىدۇق؟ ئايرىلدۇق؟ ياق،،مەن ئايرىلمىدىم،ئۇخلىسام كۆز ئالدىمدا سەن، چۈشۈمدە سەن،شۇڭا يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بېرى ئۇخلايدىغانلا بولۇپ قالدىم،گاھىدا بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىمنى چۈشلىرىم ئاستىدىن تاپالايدىكەنمەن! ئۇخلىسام بارلىق ئازابنى ئۇنتۇيدىكەنمەن! بىراق مەن كۈندۈزى زورىغا مەجبۇرىي كۈلۈپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم! يەنى كۈلسەممۇ يىغلىغان كەبى كۈلدىغان!
بۇ كىچە ئۇيقۇ يوق ئايغا قارىدىم،
يۈرىكىم پىچىرلايتتى ئىسمىڭنى يادلاپ،
ئۈمۈت بىلەن ئاسمانغا قايتا قارىدىم،
ئايرىلىشنىڭ بۇنچە ئازاپ ئىكەنلىكىنى تۇنجى ھېس قىلىپ
يەتتىم . سىنى پەقەت چۈشۈمدىلا كۆرەلەيمەن . سىنىڭ ماڭا
قالدۇرغان شىرىن _ تاتلىق ئازاپلىرىڭ ماڭا مەڭگۈ ھەمرا ... سىنى كۈرۈش
ئۈچۈن ، سىنى بىر ئۆمۈر ماڭا ، پەقەت ماڭىلا تەۋە بولىدىغان شۇ بۇرۇنقى چوڭ
سۈپەت ھالىتىڭ ، مىنى ئۈزۈڭگە جەلىپ قىلىدىغان خومار كۈزۈڭ ، ماڭا ھەقىقى ياقىدىغان مىجەزىڭ كەلمەسكە كەتكەن بولسىمۇ
، گەرچە مەن ئۆلگەن بولساممۇ ..... مىنىڭ روھىم يەنىلا ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ
بۇلۇش ئۈچۈن كىتىۋاتىدۇ ... مىنىڭ پەقەت سىنى شۇنچە رەزىللىككە تولغان بۇدۇنياغا
يالغۇز قويغۇم يوق ، سەن نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىر ئاجىز قىز بەندە ئەمەسمۇ
... مەن پەقەت سىنى شۇجايدىلا كۆرەلەيمەن ۋە سىنى يوقۇتۇپ قويمايمەن ...
قارا ھېلىمۇ يادىڭدا بارمۇ،بىز بىرجۈپ تاقىغان
سائەتلەر،ئۆز قولۇم بىلەن تاقاپ قويغان سائەتلىرىم؟ ھەممىسى يادىڭدا بارمۇ؟
بىز ئولتۇرۇپ يېگەن پولا،، گۆشنى ھېچكىمگە بەرمەي سېنىڭ ئاغزىڭغا
ئىلغايتىم! ھەر بىر قېتىم گۆشنى يېگىنىڭدە خوشاللىقىمدىن كۆز چاناقلىرىمدا
ياشلار ئەگىيتى.چۈنكى مېنىڭ سەن بىلەن بىرگە بولىشىم پەقەت ۋاقىتلىقلا
ئىدى، سەن يەنە ئوقۇش ئۈچۈن كېتەتتىڭ! ھەي رەھىمسىز تەقدىر! ئاتا ئانامغىمۇ
مۇشۇ چاققىچە ئاغىزا گۆش سېلىپ قويماپتىكەنمەن،بىراق ساڭا سالغان ئىدىم،
بىراق.....ھەي،،مىننەتتە ئۆتەرمۇ بۇ كۈنلىرىم؟
چىن دىلىمدىن كۈتكەن بىر سىنى، كۈن تۈن مىنۇت سىكونىت ساناپ مەن. گەر كۆرمىسەم بىر كۈن مەن سېنى، ئىسمىڭنى يادلاپ ئۆتىمەن ھەردەم.
كۈتۈشمۇ بىر لىرىك مۇزىكا، گاھ مۇڭلىرى ئىرىتەر دىلنى. گاھ شادلىقتا كۈلدۈرۈپ يۈرەك. گاھ ھىجراندا ياشلىتار كۆزنى.
كىچىكىمدىن كۈتكەن مەن سېنى، سەبى تاتلىق خىيالنى سۈيۈپ. ئاداققىچە كۈتىمەن سېنى، ئازابىڭدا كەتكۈچە ئۆلۈپ.
سۆيگۈ بىر خىل ئازاپلىق دۇنيا ،ئادەم ھەققى سۆيگۈگە ساپ ۋىجدانى ھەم ئازابى بىلەن يىتەلەيدىكەن .ئازاپسىز مۇھەببەتنى خىيال قىلىش خۇددى تىكىنى يوق قىزىل گۈل ئىزدىگەندەك بىر ئىشكەن . جېنىم سېنى ئۇنتۇشقا ھەر قانچە تىرىشساممۇ ،بىراق داغلانغان قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن فۇنتاندەك ئېتىلىپ چققان چىن سۆيگۈ ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايۋاتىدۇ . مەن سېنى يۇرۇكۇمنىڭ قات-قاتلىرىدىن سۆيەتتىم ،بىز مۇڭداشقان ئايدىڭ كىچىلەر ، ئاپپاق قارلارغا ئىز سالغان كۈنلەر ،يامغۇرلۇق كۇنلەردە كوچا ئايلانغان ،قانغۇچە مۇڭداشقان چاغلار قېنى ؟ قارا ئاۋۇ ئىككىمىز دايىم گېپىنى قىلدىغان تېلۋىزىيە تىياتىرى،سەنمۇ ئامراق ئىدىڭغۇ،سېنىڭ شۇ كىنوغا ئامراق دېگەن بىر ئېغىز سۆزۈڭ بىلەن،ئۇ كىنوغا مەنمۇ ئامراق بولۇپ قالغىنىم ئېسىڭدىمۇ،كۈندە شۇ كىنونى كۆرۈپ خىيالىمىزنى ئۇچراشتۇراتتۇق، يېنىمدا بولغان بولساڭ ئىدىڭ....... ئەپسۇس،سەن يىراقتا،بەكلا يىراق شەھەردە! قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ يىلدا بىر ،بولمىسا ئىككى ئۈچ يىلدا بىر كۆررۈشۈپ تۇردىغان بۇنداق مۇھەببەتتىن تولىمۇ زېرىكتىم! نېمىشقىمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن؟ بىراق نە ئامال؟ بولدى سېنى ئويلىمايمەن،ھەرگىز ئويلىمايمەن! شۇنداق دېگەچ يول مېڭىۋاتتىم،بانكىغا قەدەم ئېلۋاتتاتتىم، ھەي،،نېمە ئامال ،بانكا كارتامنىڭ مەخپىي نۇمۇرىمۇ دەل سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭ! بولدى ئەمدى ئويلىمايمەن، ئىچىم پۇشۇپ چچ نى ئاچماقچى بولدۇم،چچ نىڭ مەخپىي نۇمۇرىمۇ دەل ئىككىمىزنىڭ تونۇشقان كۈنى! ھەجەپمۇ زېرىكتىم،مەن قانداق قىلاي،دېگىنە مەن قانداق قىلاي، بۇ تۇرمۇشتىن ۋاز كېچەيمۇ؟ يېنىڭغا ئۇچۇپلا بارايمۇ؟ شۇنداق زېرىكتىم،شۇنداق زېرىكتىم، كەڭ كەتكەن سايلىققا چىقىپ توۋلىۋالغىم كەلدى خالاس،بىراق مەن ئۇنداق قىلالمىدىم،نېمىشقا؟ مەندە ئاۋاز يوق،ھەممىسى يىغا بىلەن نەملىشىپ كەتتى! تورنى ئېچىپ مىسرانىمغا كىردىم،يەنە سەن قالدۇرغان ئېسىل ئەسلىمىلەر،مۇنبەردىكى تاتلىق سېغىنىشلار،ئەركىلەپ يازغان ئىنكاسلىرىڭ! ھەي.. مەن سېنى ئۇنتالمىغۇدەكمەن،بولدى ئۇنۇتماي،شۇ تاپتا سەنمۇ يىغلاپ ئولتۇرامدىغانسەن جېنىم!
بەلكىم سېنى ياخشى كۇرۇپ خاتالاشقاندىمەن ،بۇمۇ مېنىڭ مەيلىم ئەمەسقۇ ؟ سەن ئىچىمگە ئوت بۇلۇپ كىرىۋىلىپ يۇرۇكۇمنى كۇيدۇردۇڭ ،ئاشۇ ئوت قەلبىمدە بۇلغاچ ھەر قانچە ئازابلىساڭمۇ ئۆز ئۆرەمىنى ئالداپ، ساڭا يەنىلا ئۇمۇدلىك كۆزلۇرۇمدە تەلمۇرۇمەن
خىيالىمنىڭ ئۇچقۇر كەپتىرى،
سېنى ئەسلەپ مىڭ تەستە ئۆتتى، ھەر بىر سىكۇنت ھەتتا دەقىقە. ئاھ،يۈرىكىم دىۋانە بولدى، پاك سۆيگۈڭدىن بەرگىن سەدىقە
ئوتكەن كۇنلەرنى ئەسلىمەسلىككە تىرشمەن ،بىرگە ئوتكەن شۇ كۇنلەر ئىسىمگە كەلسە قاتتىق ئازاپلىنىمەن .مەن نىمىشقا يالغاندىن بولسىمۇ كۈلەلمەيمەن ؟نىمىشقا شۇنچە كەڭرى دۇنيادىن زەرچە بۇلسىمۇ خۇشاللققا ئېرشەلمەيمەن ؟سېنى ئويلىماسلىق ئۇچۇن ھەر ئىشلارنى قىلىپ باقىمەن ،لىكىن ھىچبىر پايدىسى بولمىدى ،قەلبىمدە مەڭگۇ ئۆلمەيدىغان سىمايىڭ مېنى چىكى يوق خىياللارغا غەرىق قىلىدۇ .ساڭا بولغان مۇھەببتىم كۇنسىرى كۇچىيىۋاتىدۇ ،قەلبىمدە سەنلا ھۆكۇمىران ،ساڭا بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ،مەڭگۈ!
قارا ، سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ . سەنمۇ شۇ يامغۇرغا قاراپ ماڭا ئوخشاش ھېسىياتتا بۇلىۋاتامدىغانسەن ؟ مۇشۇنداق كىچىككىنە ،ئادەتتىكى ئىشلارمۇ شۇ ھەم شېرىن ھەم ئازاپلىق ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىپ ،مېنى قايتىدىن شۇ ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كېرىدۇ . بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقتىمىز ئېسىڭدە بارمۇ ؟. ئۇمۇ دەل بىر يامغۇرلۇق كۈن ئىدى . ئۇ كۈنى مەن سېنى سوقۇۋەتكەن ئىدىم . بەلكىم بۇ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇ .كېيىن بولغان ئىشلار ھازىر ئويلىسام چۈشتەك بىلىنىدۇ .بىز يېڭىلا ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىپ كەلگەن ئىدۇق . سىنىپقا كىرىپ بىر-بىرىمىزنى كۆرگەن چاغدا ،تۇنجى ئۇچراشقاندىكى ئىشلارنى ئويلاپ خىجىللىقتىن يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتكەنىدى . ئۇ كۈنكى ھالىتىڭنى ئويلىسام ،ھازىرمۇ كۈلگۈم كېلىدۇ . سەن يىقىلىپ چۈشۈپ كىيىملىرىڭ قارىغۇسىز بوپ كەتكەنىدى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتمەكتە ئىدى .ئەمدى بىلسەم سەن بىلەن بىرگە بولالايدىغان ۋاقتىم كۈندىن-كۈنگە قىسقىرىغان ئىكەن . بىز بىرگە ئوقۇش جەريانىدا بىر-بىرىمىزنى چۈشەندۇق،يېقىن دوسمۇ بوپ قالدۇق .كۈنلەر شۇنداق خۇشال ئۆتمەكتە ئىدى . بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بەردى .بىراق ھازىر خاتىرەمدىن تاپالايدىغىنىم پەقەت شۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كۆڭۈلسىز ئىشلاركەن . مەن گەرچە ئۇ ئازاپلارنى قايتا ئويلاشنى خالىمىساممۇ ،سەن بار بولغان شۇ خاتىرىلەرنىڭ ياتە بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن .شۇڭا شۇ پارچە ئەسلىمىلەرنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىز بىر سىنىپتا ئوقۇغىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ .بۇ جەرياندا بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتۇق .ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يۇلۇققان ،كۆڭلۈم يېرىم بولغان چاغلاردا يېنىمدا تۇرۇپ ماڭا مەدەت بېرىسەن ،ياردەم قىلىسەن .
مەنمۇ خۇشاللىقىمنى تۇنجى بۇلۇپ سەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايتىم. ساڭا بولغان ھېسسىياتىم بارغانسېرى دوسلۇقتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئاستا -ئاستا ھېس قىلماقتا ئىدىم .بىراق سەن مەندىن ئۆزەڭنى تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم ،بەزىدە كۆڭلىمدىكىنى بىلىپ قالغانمىدۇ دەپ ساڭا تىكىلىپ قاراشقىمۇ خىجىل بۇلاتتىم . بەزىدە ئولتۇرۇپ شېرىن خىياللارغا چۈمۈپ كىتەتتىم ،خۇشاللىقىمدىن ئۆزەممۇ سەزمەي كۈلۈپ تاشلايتتىم .ھەر قېتىم مېنىڭ كۈلگۈنۈمنى كۆرگەندە سەن : __ ھە شەيتان ، يەنە نېمە چۈش كۆرىۋاتىسىز ؟. دەپ سورايتتىڭ . مەن پەقەت ساڭا : __ بۇ دېگەن مەخپىي ،-دەپ جاۋاپ بېرەتتىم -ۋە ،گەپنى باشقا ياققا بۇرايتتىم . مەن سېنىڭ كۆڭلىڭدىكى سۆزلىرىڭنى تېزراق دېيىشىڭنى ئۈمۈد قىلاتتىم .بىراق سەن مەن بىلەن قېيشقاندەك ،مەن ئاڭلاشنى خالايدىغان شۇ گەپنى قەتتىي قىلمايتتىڭ . بۇ يىلمۇ مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەي دېدى. سەن يەنىلا جىمجىت يۈرەتتىڭ .ئاخىرى ساڭا ئۆزەم دېيش قارارىغا كەلدىم . بىراق مەن دەپ بولغۇچە ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەردى . بىر كۈنى سەن يۈرتىڭدىن كەلگەن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالدىڭ .خەتنى كۆرۈپ چىرايىڭ شۇنداق ئۆزگىرەپ كەتتى .مەن ئەزەلدىن سېنىڭ بۇ ھالىتىڭنى كۆرمىگەن .سەن خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا رۇخسەت سوراپ يۇرتىڭغا قايىتتىڭ .مەن سەن كەلگىچە شۇنداق ئەنسىرىدىم .زادى نېمە ئىش بولغاندۇ ؟ كاللامدا پەقەت مۇشۇ سۇئاللا بار ئىدى . بىر ھەپتىدىن كېيىن سەن قايتىپ كەلدىڭ .مەن يېزىپ تەييارلاپ قويغان خەتنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ ،ياتاققا قايتتىم .شۇ چاغدا مەن قانچىلىك غەيرەت بىلەن ئالدىڭغا بارغىنىمنى بىلەمسەن ؟ يۈزۈم ئوت بۇلۇپ يانماقتا ئىدى .ياتاققا قايتىپ كىرىپمۇ يۈرۈكىم شۇنچە تېز سوقۇۋاتاتتى . سېنىڭ جاۋابىڭنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم . سەن خەتنى مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزغان ۋاقتىڭدا چىرايىڭنى كۆرۈپلا نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سەزگەن ،بىراق ئېتراپ قىلغۇم كەلمىدى .خەتنى ئېلىپ بىز دائىم بارىدىغان ھېلىقى ئورۇنغا كەلدىم.تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن خەتنى ئاستا ئاچتىم .خەت شۇنچىلىك ئاددى يېزىلغان ئىدى . « خېتڭىزنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوش بولدۇم .سىزدەك بىر قىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەنلىكىم ئۈچۈن خۇشالمەن .بىراق مەن سىزگە پەقەت كەچۈرۈڭ دېيەلەيمەن .مەن ياغاچ ئەمەس .مەن مۇشۇنداق بۇلىشىنى پەملىگەن .ئۆزۈمنى چەتكە تارتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ،ئۇنداق قىلماپتىكەنمەن .ئەڭ مۇھىمى مېنىڭ قىز دوستۇم بارلىقىنى سىزگە دېمىگەنلىكىم بەلكىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىم ئىكەن . كەچۈرۈڭ .بىز ئەزەلدىن بۇ مەزمۇندا پاراڭلىشىپ باقمىغاچقا ،سىزگە بېرىپلا مېنىڭ قىز دوستۇم بار دېيەلمىدىم .ھەم ئۇ چاغلاردا بىزمۇ ئانچە يقىن دوس ئەمەستۇق . يېقىندىن بۇيان سىزدىكى بىنورماللىقنى سەزگەندە قەتئىي دېمىسەم بولمىايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .بىراق دەپ بولغۇچە يۇرىتقا قايىتتىم . نېمە ئۈچۈن قايىتقانلىقىمنى بىلەمسىز ؟.. ئۇنىڭ ئۈچۈن . كەچۈرۈڭ .مەن سىزگە سىز ئويلىغان بەخىتنى بېرەلمەيمەن .مېنى كەچۈرۈڭ ...................»
خەتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى .بىراق ئىشەنگىم كەلمىدى .سەن مېنى ئالداۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى . شۇڭا ساڭا يەنە بىر پارچە خەت يازدىم . «مەن ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىمدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان .ئۇنىڭ ئىسمى يۇلتۇزئىدى . بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئىنتايىن ساپ ۋە سەمىمىي ئىدى .نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلىرىمىز بار ئىدى . بىراق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندا ،ئۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ،ماڭالماس بولۇپ قالدى .دوختۇر «ياخشى بۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ،بىراق قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى نامەلۇم ،ئىدىيەڭلىدە تەييارلىق بولسۇن » دېدى .قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟..ئەلۋەتتە ھەممىدىن بەك ئازاپلانغىنى ئۇ . ئۇ ماڭا يۈك بۇلۇپ قېلىشنى خالىمايتتى ،شۇڭا مەندىن ئايرىلىپ كېتىشنى تاللىدى .بىراق مەن ئۇنىڭغا يول قۇيالمايمەن .ئۇ ئەمدى مەندىنمۇ ئايرىلسا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . مەن ئائىلەمدىكىلەگە ھەممىنى ئېيىتتىم . ئۇلارمۇ ئۇنى كىچىكىدىن بىلگەچكە ،ناھايىتى ياقتۇراتتى .شۇڭا ئۇلارمۇ مېنى قوللىدى . شۇنداق قىلىپ مەن بۇ يەرگە ئوقۇشقا كەلدىم .ئالدىنقى قېتىملىق خەتكە كەلسەك ،خەت ئاپامدىن كەلگەنىدى . ئۇ خەتتە يۇلتۇزنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى ،تېخىچە ھۇشىىغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . شۇڭا مەن بېرىپ ئۇنى كۆرۇپ كەلدىم .مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشىيالمايمەن .مېنى كەچۈرۈڭ » خېتىڭنى ئوقۇپ بولۇپ ،كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلىدى . ئۆزەمگە يىغلىدىممۇ ياكى سىلەرگىمۇ بىلمەيمەن .
كاللام قۇپقۇرۇق . بارلىق گۈزەل چۈشلىرىم بەربات بولدى . خېلى كۈنلەرگىچە ساراڭدىكلا بولۇپ قالدىم .ھېچقانداق گەپ .ھېچقانداق ئىش كاللامغا كىرمەيدۇ .قانداق قىلىشىم كېرەك ؟.. باشقىلار توختىماي تىرىشسىلا ھەر قانداق نەرسىگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ دەيدىكەن ،بىراق ماڭا مەلۇم .مەن ھازىر ھەر قانچە تىرىشساممۇ سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشەلمەيمەن . بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سېنىڭ سۇلغۇن چىرايىڭنى ھەر بىر قېتىم كۆرگەندە ،تولىمۇ ئازاپلاندىم .ساڭا يېڭى بىر دەرىت قوشۇپ قويۇپتىمەن . ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ . بىز مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانغا بەكلا ئاز ۋاقىت قالدىم .نۇرغۇن ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم . قىزلىق غورورۇمنى قايرىپ قويۇپ ساڭا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغاندا ،قانچىلىك چوڭ غەيرەتكە كەلگەن بولسام ،بۇگۈن تېخى بىخلىماي تۇرۇپلا تۇزۇپ كەتكەن تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق غەيرەتكە كىلىشىم كېرەك ئىدى . مەندە شۇنداق جۈرئەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيتتىم . باشقا كەلگەندە باتۇر دەپ ،سەندىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدىم ھەم شۇنداق قىلدىم . مانا ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرۈپ يۇرتىمىزغا قايتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز . ئاپتۇبۇسقا چىقىپ تۇنۇش چىرايلار ئىچىدىن سېنى كۆرگىنىمدە ھەيران قالدىم .بىز شۇ ئىشتىن كېيىن پەقەتلا پاراڭلىشىپ باقمىغانىدۇق .بۈگۈن سېنى ئۇزاتقىلى كېلىدۇ دەپ ئويلىمىغان . كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇق .مەن قايتا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلەتتى . كۆڭلىمدە سېنىڭ ئۇزاتقىلى كەلگىنىڭگە رەخمەت ئېيىتتىم . نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان ،ئوخشاشلا نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەر قالغان ئوقۇش ھاياتىمىز ئاياقلىشىپ ھەممىمىز ھەر تەرەپلەرگە چېچىلدۇق . شۇ ئىشلارغىمۇ مانا 3 يىل بولۇپتۇ . مەن سېنى شۇندىن كېيىن كۆرۈپ باقمىدىم . ئاڭلىسام توي قىلىپسەن ،يۇلتۇزمۇ ماڭالايدىغان بولۇپتۇ .مېنىڭچە ناھايىتى بەخىتلىك ياشاۋاتىسەنغۇ دەيمەن . سەن بەخىتلىك ياشىساڭلا ئەينى ۋاقىتتىكى قارارىمغا پۇشايمان قىلمايمەن ..... ساڭا بەخىت تىلەيمەن . بەخىتلىك ياشاڭلار ................... ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىدىن خىياللىرىم ئۈزۈلدى . راس ،ئەمدى ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالغان . ئەمدى ئەسلىمىلەر ئىچىدە ياشاۋەرسەم بولمايدۇ . مەنمۇ ئۆز تۇرمۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك .......
www.misranim.com
*^ _ ^*
قانداق ،بۇ يېڭى سانى قانداقراق ئىكەن،سىزگە يارىدىمۇ؟،،مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىڭىز ھاردۇقتىن چىقتىمۇ؟ئەمسە QQ دا قانچە دوستىڭىز بولسا شۇنچىسىگە يوللاپ ئۇلارنىمۇ مۇھەببەت يولىدا سەگىتىڭ،مىسرانىم تور بېكىتى مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ ~
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى
|
QQ:364103