|
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى http://www.misranim.com Bikat Bax layilGuqi,Ababakri Muhtar Misran
住宅地址:塔西南石油基地 o(∩_∩)o...哈哈
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،بۈگۈن مەن مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ يەنى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ 10000 غا يەتكەنلىكى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن،يەنى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەزا سانىمىز 10000 غا يەتتى،بۇ تولىمۇ خوشاللىنارلىق ئىش! ئۇزۇن مۇددەت تېرىشىپ باشقا سەھىپىلەرگە كۈچەپ مۇھەببەت لىرىكىلىرى يىتىمسىراپ قالدى،ئىشلەشكە ۋاقتىم چىقمىدى،ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كىيىن ئىككى ئۈچ ھەپتىدە بىر قىسمى،پەقەت بولمىغاندا ئايدا بىر قىسىم بولسىمۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرشىدۇ!.. مىسرانىم تور بېكىتىنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىڭىزغا ئېيتىپ بېرىڭ،شۇندىلا بىز قىلغان ئىشىمىزدىن رازى بولمىز،چوقۇم تىڭشۇغۇچنى ئېچىپ قويۇپ ئوقۇڭ،،شۇندىلا ئەسەرگە تېخىمۇ چۆكۈپ كىرەلەيسىز مىسرانىم باش بېكەت قۇرغۇچى ۋە لاھىيلىگۈچى،،ئابابەكرى مۇختەر (مىسران) (~0~) 嘻嘻……
ئازاپ ئىچىدە ئېچىلغان گۈل
2008 - يىلى 4- ئىيۇل ئەنگلىيىدە بىر تۇي مۇراسىمى ئۈتكۈزىلىش ئالدىدا تۇراتتى .
تۇي بۇلىدىغان سەككىز ياشلىق يىگىت رىس بىر تال ئەتىر گۈلنى تۇتقىنىچە
كىلىنچەك ئىلىننانىڭ كىلىشىنى تەققەزالىق بىلەن كۈتىۋاتاتتى.
ئۆزەمچە خالىغان تاللىغان ئىدىم، , ئۆتۈشنى باشتىلا يەككە يىگانە. ئاقىۋەت قالدىممەن يەنىلا يالغۇز، ئۆتەرمەن جاھاندىن بولۇپ يىگانە.
بىز ئايرىلدۇق قېلىپ قالدى ئەمما، ئىككى پارچە سۈرىتىڭ مەندە. قالدى بۇندا تەنلىرىم ئەمما، كىتىپ قالدى يۈرۈگۈم سەندە.
قالدى پەقەت ماڭا ئەسلىمە، شىرىن تۈنلەر يادىگار بولۇپ. سۆيگۈ رىشتىمىز شۇنچىلىكمىدى، ۋۇجۇدۇمغا كەتتى دەرت تولۇپ.
قالدى پەقەت ماڭا ئەسلىمە، شىرىن تۈنلەر يادىگار بولۇپ. سۆيگۈ رىشتىمىز شۇنچىلىكمىدى، ۋۇجۇدۇمغا كەتتى دەرت تولۇپ.
سالام يوللاپسەن بۈگۈن بىرسىدىن، قايتۇرغىن دەپ سۈرەتلىرىڭنى. بىلسەڭ ئىدىڭ شۇ سۈرەتنى دەپ، مىنىڭ تارىتقان كۈلپەتلىرىمنى.
نە ھاجەت ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلەش ، بىھۇدە ئازاپلاپ زىدە يۇرەكنى . ئەرزىمدۇ سوراپ باق ۋىجدانىڭدىن سەن ، يەنىلا ئەسلەمسەن ، نامەرد يۈرەكنى .
پۈتۈن جاھان قۇيۇق تۇمان كائىنات ئاپئاق قاردىن لىپاسلانغان قەلبىمدە قەھرىتان قىشنىڭ رەھىمسىز سوغۇقىدەك ئاچچىق-ئاچچىق ئازاپلار ھۆكۈم سۈرمەكتە.ۋۇجۇدۇمدىن تەپچىۋاتقان ئۆكۈنۈش ۋە دەرت-قايغۇللىرىم.تىنىمسىز چۈشۈپ زىمىندا چىڭدىلىۋاتقان ئاپپاق قاردەك قەلبىم قات-قاتلىرىغا سىڭىپ كەتمەكتە.......قارمۇ خۇددىي مىنى ئەنە شۇ دەرت-ئەلەملىرىمنى كۆمىۋىتىپ مىنى بۇ ئازاپلىق زۇلمەتتىن يىراق قىلغۇسى باردەكلا توختىماستى چۈشمەكتە....قەدەملىرىمنى ئىغىر يۆتكەپ سىنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان ،شوخلۇق جىسمىڭدىكى شادىمانلىق تەختىنى قارار قىلغان، ئۇتلۇق سىمايىڭنى مىسكىن دىلىمغا ھەمرا قىلىپ كېتىپ بارماقتىمەن.....نىشانىم شىرىن مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى بولغان قەلبىمىزدىكى شىرىن ھىسلىرىمىزغا تەڭ ھەمرا بولغان شۇ ئورمانلىق ئىدى.........مانا شىرىن خىياللار ئىلكىدە بۇ ئورمانلىققىمۇ كەلدىم .بۇ يەر دىكى دەرەخلەر خۇددىي بىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلانغان ئاشۇ شىرىن مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن ماتەم تۇتىۋاتقاندەك ئاپپاق قاردىن ماتەم تونى كىيىشكەن ئىدى. كۆزۈم ئىختىيارسىز قويۇق ئورمانلىق ئىچىدىكى بىز دائىم كېلىپ ئولتۇردىغان ھىلىقى كىچىك ئىككى كىشلىك ئورۇندۇققا چۈشتى.ئۇ ئوروندۇقتا بىر جۈپ ياش قىز-يىگىت بىر بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشۇپ بىر بىرىگە يۆلەنگىنچە مۇھەببەتنىڭ شىرىن ھىسلىرىغا چۆمۈشكەن ئېدى.تۇيۇقسىز ئىككىمىزنىڭ ئاشۇ ھالىتى كۆزئالدىمدىن بىر بىر لەپ ئۆتۈشكە باشلىدى..سەن ناھايتى شوخ ۋە كەپسىز ئىدىڭ .داۋاملىق چىھرىڭدىن كۈلكە ۋە تەبەسسۇم ئۈزۈلمەيتتى.ھەرقىتىم ماڭا شوخ كۈلۈپ ئەركىلىگەن چاغلىرىڭدا قەلبىم ئىختىيارسىز سەندىن سۆيۈنۈپ كىتەتتى.ھىلىمۇ ئىسىمدە بىز مۇشۇ ئورۇندوقتا ئولتۇرۇپ بىر بىرىمىزگە كەلگۈسىمىز توغۇرسىدا قانداق ئويدا بولاۋاتقانلىغىمىزنى مۇھەببىتىمىز خاتىرىسىنى نىمىللىرىمىز بىلەن تولتۇرىدىغىنىمىزنى ئۆزئارا سۇئال قىلىشىپ ،گاھى كۆڭلىمىزدىكى سۆزلىرىمىزنى ئىيتىشساق گاھى چاقچاق ئارلاش جاۋاپ بىرىشىپ كۈلۈشۈپ كىتەتتۇق...ھەر قىتىم سەن مەندىن ئەگەر تەقدىر قىسمەت بىزگە تەتۈر كۆزى بىلەن قاراپ ھىجران بورانلىرى مۇھەببەت گۈلىستانىمىزنى ۋەيران قىلىپ تاشلىسا قانداق قىلىمىز؟دەپ سورايتتىڭ مەن قولۇم بىلەن ئاغزىڭنى تۇتىۋىلىپ تۇرۇپ ،ئۇنداق بولمايدۇ.ھەرقانداق بۇران چاپقۇن.،ۇھەببەتىمىزنى ۋەيران قىلالمايدۇ.ئىككىمىز بۇ مۇھەببىتىمىزنى تاكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تىنىقىمىز قالغۇچە قوغدايمىز..دەپ جاۋاپ بىرەتتىم...لىكىن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ بۇران چاپقۇننىڭ ئىككىلىمىزنى قاڭقىتىپ ئاپىرىپ ھىجران ئازگىلىغا تاشلىۋىتىدىغىنىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن......مانا بىز ئايرىلغىلى ھەش پەش دىگۈچە 2يىل بولۇپتۇ.بۇ رەھىمسىز تەغدىر ئىككىلىمىزنى بىز خالىمىغان تۇرمۇش بوسۇغىسىدىن ئاتلىتىپ قانداقتۇر رەسمىيەت سۈپىتى تۈسىنى ئالغان تۇرمۇشنىڭ كاللىسىغا باغلاپ قويغانىدى.بۇ نداق تۇر مۇشنىڭ نەقەدەر زىرىكىشلىك نەقەدەر ئازاپلىق بولىدىغىنىنى سەنمۇ بىلىپ يەتكەنسەن جىنىم.ئاڭلىسام سەن ئانا بوپسەن.بەلكىم ئانىلىق مىھرى مۇھەببىتىڭ پەرزەنتىڭنىڭ مىھرى ، سىنى بۇ تۇرمۇشقا كۆندۈرۈپ ئاستا-ئاستا ئۆتمۈشلەرگە بولغان شىرىن تەلپۈنۈشلىرىڭنى خىيالىڭ باغلىرىدىن سۈرگۈن قىلىغان بولىشى مۇمكىن...ئۇ كۈنلەر بىزگە نىسبەتەن ئەمدى بىر قايتا كۆرگىلى بولمايدىغان چۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ .لىكىن قەلبىم يەنىلا شۇ كۈنلەرنىڭ ئىشتىراھىكىدا پۇچلۇنۇپ يۈرمەكتە.ئۇ كۈنلەر شۇنچە شىرىن ئىدى..بەلكىم ئۇ كۈنلەر مىنىڭ قەلبىمگە ئىزى ئۆچمەس پولات تامغىدەك بىسىلغان بولىشى خىيالىم باغلىرىدا ئۈزۈلمەي ئىقىپ تۇرغان بۇلاق سۈيىدەك ئىقىپ تۇرىشى مۇمكىن...سىنى سىغىنىپ ۋە ئەسلەپ ئۆتۈش مىنىڭ بىر دىن بىر خوشاللىقىم بولۇپ قالغۇسى.
مەن كىتىمەن ،يارنىڭ قىشىغا، كۈتۈشلەرگە بىرىپ خاتىمە. تەنھالىقىنىڭ ئىتلىرى تالاپ، بۇ يۈرەكنى قىلدى مىڭ پارە.
بولدى ئەمدى،توسمىغىن دوستلار! مەن كىتىمەن يارنىڭ قىشىغا. گۈرۈلدەيدۇ قەلبىمدە بىر ئوت، ئاشىقلىقىم يەتتى ۋايىغا.....!
بىقىۋالدى كىملەرنى ھايات، قىينماقچى بىزنى شۇ قەدەر. مۇز بوپ قالار ئىدى بۇ دۇنيا، كۆيۈشمىگەن بولساق بىز ئەگەر.
مۇھەببەت بەدەل تۆلەشتۇر، مۇھەببەتكە جاۋاپ قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. مۇھەببەت سەمىمىي، راستچىل، ئەپۇچان، سەۋرىچان دېگەنلىكتىن ئىبارەت.مۇھەببەت قەتئي ئۆزگەرمەيدىغان مەڭگۈلۈكتۇر. مۇھەببەت بىر خىل مەسئۇلىيەت، مۇھەببەتكە ئېرىشكەندە، ئاندىن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكى مۇھەببەت توغرىسىدىكى ھېكايە، بىزگە ئىلھام بەرگۈسى! بىر كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان بىر ئەر، ئەما خوتۇنىنى يۆلۈگىنىچە يول بويىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلغا كەچلىك تاماق يىگىلى كىردى. ئۇ مۇلازىمەتچى خادىمغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىككى چىنە گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاشنى بۇيرۇتتى.ئۇ پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا مۇلازىمەتچى خادىمغا تۆۋەن ئاۋاز بىلەن چوڭ چىنىلىك گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاشتىن بىر ۋە كىچىك چىنىلىك گۆش سېلىنمىغان سۇيۇقئاشتىن بىر، دېدى. تاماق ئەكەلگەن چاغدا، ئەر كىشى گۆش سېلىنغان چوڭ چىنىلىك سۇيۇقئاشنى خوتۇنىنىڭ ئالدىغان قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا يەنە بىر كىچىك چىنىدىكى ئاشنى قويدى ھەم خوتۇنىغا: «ئىككىمىزنىڭ ئوخشاشلا چوڭ چىنىلىك گۆش سېلىنغان سۇيۇقئاش»دېدى. ئۇلارنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرغان بىر كىچىك قىزچاق بۇ ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل قويماي ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەر ئەنسىزلىك ئىچىدە جىممىدە ئولتۇردى ھەم خوتۇنىغا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمەي، بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە غىزالاندى. بىراق خوتۇنى ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلەتتى. كىممۇ بۇ خىل مۇھەببەتتىن تەسىرلەنمەيدۇ ھەم ھاياجانلانمايدۇ؟ بەزى مۇھەببەت قاينام - تاشقىنلىق بولغاندىلا ئاندىن ئاشىقلار ئوتتۇرىسىدىكى قىزغىن ھېسسىياتنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، بىراق بەزى مۇھەببەت كىچىك ئېقىن توختاپ قالمىغۇدەك، خۇددى باھار پەسلىدىكى سىم -سىم يامغۇدەك كىشى قەلبىگە سىڭىپ كىرىدۇ. بىر ئۆمۈر بىر- بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ ياكى بىر - بىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئالدىراش يولۇچىدىن بولۇش كېرەكمۇ؟ مۇھەببەت سىزنىڭ يۈرەك قېتىڭىزدا، ئۇنى چىن دىلىڭىز بىلەن ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى بىر -بىرىگە ئۆمۈرلۈك ساداقەتمەن بولۇش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇش شۇنداقلا بىر -بىرىگە يار - يۆلەكتە بولۇشتىن ئىبارەت! ئىككى ئىت بەزىدە بىر تال سۆڭەكنى تالىشىپ بىر - بىرىنى قانغا بويىشىدۇ ،ئەمما سۆڭەك يوق چاغدا بىر - بىرىگە دەخلى قىلماي تىنىچ ئۆتىدۇ ،بەزىدە ئادەملەرمۇ شۇنداق . بىراۋنى بەك چوڭ بىلىپ كەتسەڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيسەن .پۇلمۇ دەل شۇنداق . ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىشىگە ئېرىشىشنى تەمە قىلما ،چۈنكى سەن ھەممىلا ئادەم ئىنتىلىدىغان پۇل ئەمەس ھەممە ئادەمنىڭ قەھرىمانغا ئايلىنىپ كىتىشى مومكىن ئەمەس ،قەھرىمانلار يولدىن ئۆتكەن چاغدا يولنىڭ قاسنىقىدا تۇرۇپ چاۋاك چالغىلىمۇ ئادەم بولمىسا بولمايدۇ
ئەزىزىم ، سېنى كۈتىۋېرىپ مەجنۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن ھېسلىرىمدا ئىسمىڭ مەغرۇرانە تەنتەنىلەر بىلەن مىنى مەڭگۈلۈك سېغىنىش قوينىغا تاشلايدۇ. ئىللىق تەبەسسۇملىرىڭنى ئەسلەپ، زىمىستان قىشنىڭ جۇتلىرىنى ئۇنتۇپ قالىمەن .ئۇپۇق مەڭزىدىكى جىلۋىدارتۇرقۇق مىنى چەكسىز تەنھالىق ئىچىدە شاتلاندۇرىدۇ.مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشكەن تامچىلاردا ئەكسىڭ بار،خىياللىرىمدا ۋىسال تامان چېپىۋاتقان ئاق تۇلپار،نىگاھىمدا سەمىمىيەت چاقناپ تۇرغان قوي كۆزلىرىڭ.ئەزىزىم سىنى كۈتىمەن، بىراق كەل دىيەلمەيمەن.سىنى سۈيىمەن ،بىراق ساڭا سۆيگۈڭنى بەر دىيەلمەيمەن. خالىساڭ كەل،ئازاپ بۇلىقىدىن ئۆكسۈپ تۇرغان بەخت سۈيىنى قانغۇچە ئىچ، ئۇ سىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇسسۇزلۇقىڭنى قاندۇرىدۇ.خالىساڭ شامدەك يېنىۋاتقان غۇبارسىز سۆيگۈمنى قۇبۇل قىل، ئۇ ۋۇجۇدۇڭغا مەڭگۈلۈك ھارارەت بەخش ئېتىشكە قادىر . سېنى سېغىنىمەن، سېغىنىشتىن قانسىراپ تۇرغان يۈرىكىم بىلەن قىپقىزىل، خۇشپۇراق گۈللەردىن گۈلدەستە ياسىدىم،چوغلانغان باھار گۈللىرى مەڭگۈ سۆيگۈم ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشماقتا...... نويابىرنىڭ شىۋىرغانلىق كۈنلىرى سېنىڭ ئىسمىڭدىن گۈلخانغا ئايلانغان يۈرەكتە ئاتەش بۇلۇپ يانماقتا............. سىنى سېغىنىمەن،مەڭگۈ سېغىنىشىمدىن شېرىن ئازابنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرى گۈپۈلدەيدۇ،ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ھىجرانلىق چۈشلەر ساھىللىرىڭدىن كىملىكىمنى ئىزدەيدۇ. سىنى سېغىنىمەن ، ئۇ يەردە سىنىڭ ئازانلىرڭمۇ بار ، ئىللىق تەبەسسۇملىرىڭمۇ بار. مەڭگۈلۈك سېغىنىشلاردىن قۇملۇقلار چاك - چاك يېرىلغان،ئەتىر گۈللەرنىڭ ئۆڭگەن رەڭگى ئازابلىق ھالسىرايدۇ ،لەختە- لەختە قانغا تولغان يۈرىكىم ئىسمىڭنى ئۈنسىز يادلايدۇ.يادنامىگە ئايلىنىپ كەتكىنىڭنى بىلەمسەن ئىسمىڭ ھاۋادا، يوللاردا، تاملاردا، گىياھلاردا، ماشنىلاردا،......... قاراقلىرىمدا قېتىپ قالغان تۇرقۇڭ مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلىرىمگە ھامىلدار. سەن كەتتىڭ، يىراقلارغا كەتتىڭ،سېنى كەل دىيەلمەيمەن........سېغىنىش ئىچىدە شېرىن ئازاپ لەززىتىدە پۇچۇلىنىمەن،قوقمۇشلاردا نۇر تامچىلىرىغا ئايلىنىپ يوللىرىڭنى يورۇتۇپ تۇرۇشتىىن ئالەمچە بەخىت ھىس قىلىمەن. ئارىمىزدا چېچىلىپ ياتقان ۋاقىت، مۇساپىلەر ئارىلىقىدا تېڭىرقاپ تۇرغان رىئاللىق سېغىنىشلىرىنى رەھىمسىزلەرچە تىغلاپ ، قەلبىمگە ئازاپ تۇمانلىرىنى پۇركۈيدۇ. كۆيۈپ تۇرۇپ شادلىنىمەن، يۈرىكىمدىكى ساڭا ئايلانغان ئوت،تومۇرۇمدىكى ساڭا ئايلانغان قان ، مەن سىنى سېغىنىمەن ، يەنىلا سېغىنىمەن .....
كۆڭلۇڭ يېرىم بولمۇسۇن مەندىن، سۆيگۈمىزدىن قىلما ھەرگىز غەم. قەدىرلىسەڭ تەئەللۇق سۆيگۈم، قارچۇغۇڭنى قاپلىمىسۇن نەم.
مەيلى يېنىمدا ياكى يىراقتا بول يەنىلا تەكرارلاپ تۇردىغىنىم -- سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن
*^0^* بۇلار سىزگە يارىدىمۇ،،مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىڭىز ھاردۇقتىن چىقتىمۇ؟ئەمسە ئىچى يامانلىق قىلماي QQ دا قانچە دوستىڭىز بولسا شۇنچىسىگە يوللاپ ئۇلارنىمۇ مۇھەببەت يولىدا سەگىتىڭ،مىسرانىم تور بېكىتى مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ 8~9~10 ....قاتارلىق سانلىرىنىمۇ داۋاملىق ھوزۇرىڭلارغا سۇنىدۇ،بۇ ئادرىسنى ئامال بار QQ ئارخىپىڭىزغا چاپلىۋىلىڭ،نۇرغۇن دوستلار بۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولسۇن
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى ddddddd
|
QQ:364103