|
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى http://www.misranim.com Bikat Bax layilGuqi,Ababakri Muhtar Misran
住宅地址:塔西南石油基地 o(∩_∩)o...哈哈
ئەمدى رەسىم ئۈستىلىرىگە بىكەت تامغىمىز بېسىلدى،،باشقا توربەتلەرنىڭ ئوغۇرلىۋىلشىدىن قورىقمىساقمۇ بولدۇ...ھې ھې.. مىسرانىم تور بېكىتىنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىڭىزغا ئېيتىپ بېرىڭ،شۇندىلا بىز قىلغان ئىشىمىزدىن رازى بولمىز،چوقۇم تىڭشۇغۇچنى ئېچىپ قويۇپ ئوقۇڭ،،شۇندىلا ئەسەرگە تېخىمۇ چۆكۈپ كىرەلەيسىز مىسرانىم باش بېكەت قۇرغۇچى ۋە لاھىيلىگۈچى،،ئابابەكرى مۇختەر (مىسران) (~0~) 嘻嘻…… تەنھالىق ئىچىدە ئازاپلىق خىيال سۈرىۋاتقان بىچارە- مىسكىن ھالىتىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ئۆز - ئۆزۈمگە ئىچ -ئىچىمدىن ئېچىنساممۇ ، ئەمما سېنىڭ ماڭا بولغان پەرۋاسىز ھالىتىڭنى ئويلىغىنىمدا سەندىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزمەكچى، سېنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى، بىز تۇنۇشقان شىرىن خىياللار بۆشۈكىدە تەۋرىنىپ غەمسىز ئۆتكەن ئاشۇ قىسقا ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىزگۈ چاغلارنى مەڭگۈلۈك ئېسىمدىن چىقىرۋەتمەكچى بولدۇم.بىراق مەن،،،،،،،،، نىمىشقا ئۇنداق قىلالمايدىغاندىمەن،،، قانچە قىلساممۇ سېنى ئۇنتۇيالمىدىم ئۇزۇن ھەم دولقۇنلۇق خىياللىرىم روھىمنى تېنىمدىن يىپنى سۇغارغاندەكلا سۇغىرۋېلىپ ، سېنى ئەسەبىيلەرچە سۆيگەن ، ئاشۇ ھېچنىمىگە تەڭ قىلغۇسىز قىسقا ، ئەمما ئيىتقۇسىز شېرىن دەملەردىكى يۈرەك سۇقۇشلىرىمنى ئۈن- تىنسىز تىڭشاشقا ئايدىڭ كېچىلەردە يانمۇ- يان مېڭىپ گۈزەل ئارزۇلار ھەققىدە سىرداشقان يېشىل دالىلاردىكى چېغىر يوللارغا يۈزلەندۈرىدۇ قۇياش شىرىن ئۇيقىسىنى باشلىغان چاغدا ، بېشىمنى ياستۇققا قويغان ھامان چۈشلىرىمدە سۇس پىچىرلاپ ئۇيقۇمنى بۇزىسەن . تىپتىنىچ كېچە خۇددى ئايىغى چىقماس خىيالىمدەكلا ئۇزۇن بىلىنىدۇ ! ياستۇقلار يامغۇردا قالغاندەكلا ھۆل بۇلىدۇ ! ئەسلىدە مەن تېگى يوق خام- خىياللار بۆشىكىدە ئەللەيلەنگەن ئىكەنمەن قانچە قىلساممۇ سېنى ئۇنتۇيالمىدىم . ۋۇجۇدۇمدىكى كەسكىن تۇقۇنۇشلارنىڭ توختاۋسىز ئازاپ دولقۇنلىرى ئىچىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى ، مېنىڭ مىسكىن ، بىچارە قەلبىم ئاللىبۇرۇنلا سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ پىنھان جايىدىكى كۆرۈنمەس << تۈرمە>> سىگە مەڭگۈلۈك قامالغان ئىكەن ئەمەسمۇ ! قەلبىم قەلبىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مەھبۇسىغا ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىمدىلا ئېزىتقۇ خىياللارنىڭ ئاچكۆز چاڭگىلىدا بىھۇدە ئازاپلانغانلىقىمدىن ئېچىندىم. ئويلاپ كۆرسەم ئۆزۈمنىڭ بولمىغۇر خىياللىرى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋەيلۇن دوزاخ ئىكەن ئەمەسمۇ! ئۆزۈمنىڭ ساددا ، ھاماقەتلىكىمدىن چەكسىز نەپرەتلەندىم ، ئىشەنسەڭ جېنىم، رېئاللىق ھەرگىزمۇ خام -خىيالغا باقمايدىكەن ، مەن سېنى مەڭگۈ ، مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمىگۈدەكمەن ! كىم نىمە دېسە پەرۋايىم پەلەك، سېنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە رازىمەن جېنىم !
تۆكۈلمەكتە كۆزلىرىمدىن ياش، چىدالمىغاچ ھىجران دەردىگە. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار گۇۋاھ، قەلبىمدىكى شۇ پاك سۆيگۈگە.
ئايرىلدۇق شۇ ئايدىڭ كېچىدە، كەتتىڭ ھەتتا خوشمۇ دىيەلمەي. يۈرىكىمدە پەيدا بولدى داغ، بۇ زەربىگە بەرداش بېرەلمەي.
قالدى پەقەت ئاچچىق ئەسلىمە، سۆيگۈمىزنىڭ مەنزىللىرىدە. مۇھەببەتكە خوش دىدۇق ئاخىر، بىز سۆيۈشكەن ئايدىڭ كېچىدە.
ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىمغۇ ئاخىر، گۇناھسىزغۇ سۆيگۈ ئەسلىدە. ئۆستۈرمەكچى بولغانتۇق گۈلنى، خازان قىلدۇق چېچەك پەسلىدە.
بوپتۇ سەنمۇ ماڭغىن يولۇڭغا، توغرا دېسەڭ تاللاشلىرىڭنى. بەلكىم بىر كۈن ئۇنتۇپ كېتەرمەن، ئەشۇ تاتلىق قاراشلىرىڭنى.
ئايدىڭ كېچە ئايرىلدۇق شۇنداق، قالمىغاچقا بىزلەرگە پۇرسەت. خارلىمىغىن ئەمدى سۆيگۈنى، كېلىپ قالسا يەنە بىر پۇرسەت
سەنەممۇ غېرىپمۇپەرھاتمۇ ئۆلگەن، جاھاندا شۇ كەبى مەشۇقمۇ ئۆتكەن. ئويلىنىپ قالىمەن بەزىدە شۇنداق، نە ئۈچۈن مۇھاببەت تۇرۇپلا ئۆلگەن
كۈنى-تۈن سېنى سېغىنۋاتىمەن.....بىلەمسەن ،چۈشىنەمسەن............سېنى تولا سېغىنىۋىرىپ ئۆزۈمنى يۇتتۈرۈپ قويدۇم.سەنچۇ؟سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟ ھەي تاڭ............سەندە سۆيگۈنى چۈشەنگۈدەك قەلب،سۆيۈلۈش ۋەزنىنى تەپەككۇر قىلالىغىدەك نېرۋا يوق تۇرسا؟ قانداقمۇ بۇ مەسئۇليىتى ئېغىر ئىشنى ساڭا يۈكلەپ ئۆزۈم غەمسىز يۈرەلەيمەن؟........مانا شۇ ۋەجىدىن مەن سېنى كۈندە بەش مەرتە ئوقىغان نامىزىمدىمۇ سېغىنىمەن.بەلكى كەلگۈسى ھاياتىڭدا سېنى مەندەك سېغىندىغان ئىنساننى ئالەمنىڭ ئەڭ چەت يىراق جايلىرىدىنمۇ،دورىلىققىمۇ ئىزلەپ تاپالماسلىقىڭ مۇمكىن.بۇ شەك-شۈبھىسىز مۇقەررەر ھەقىقەت.
تۇنجى رەت سۆيگۈدىن گۈل سۇندۇم ساڭا، شۇبولدى يۈرەكتىن سۆيگۈنۈم سېنى. تالاي رەت تاشلىنىپ خار بولدۇم ئەمما، شۇبولدى يۈرەكتىن سۆيگۈنۈم سېنى.
تالاي رەت مۇڭداشتىم سەن بىلەن كەچتە، ئاي تۇتتى يۇلتۇزدىن ماڭا گۈلدەستە. نەقىلاي ئاي كۆكتە مەن تۇرسام پەستە، شۇبولدى يۈرەكتىن سۆيگۈنۈم سېنى.
ھەسرىتا سەن مېنى كۆرۈپ قالمىغىن، سۆيگۈسىز كوچامدا يۈرۈپ قالمىغىن. مەن ئۈچۈن خىياللار سۈرۈپ سالمىغىن، شۇبولدى يۈرەكتىن سۆيگۈنۈم سېنى
مەن ئۇنى تۇنجى كورگەندە،يۇزلىرىم قىزىرىپ ھاياجاندىن نەپەسلىرىم بۇغۇلغان ئىدى،شۇندىن باشلاپ ئۇنى كورسەملا قىزىرىدىغان بۇلۇپ قالدىم،بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى ھالرەڭ ئىدى، بىز شۇنچىلىك سەمىمى ئىدۇخكى بىر بىرىمىزنى قەتى ئالدىماتتۇق،ھەممە نەرسە بىز ئۇچۇن شۇنداق گۇزەل ئىدى. بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى ئاق ئىدى، مەن توي قىلدىم ،كۇنلىرىم شۇنداى خوشال،تەبىەتنىڭ گۇزەل قوينىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلماس چاغلىرىمنى ئوتكۇزدۇم،ئۇ مىنى سويەتتى ،باغرىغا باساتتى،بىز تەبىەتكە سىڭىپ كەتكەنتۇق، بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى تەبىئەتنىڭ رەڭگىدە ئىدى. بىز بالىلىق بولدۇق،مۇھابىتىمىز كۇندىن كۇنگە چوڭقۇرلاشتى،لىكىن يىللار ئوتكەنسىرى،سىرىتلاردىكى ئاجايىپ رەڭلەر ئۇنى مەندىن ئاستا- ئاستا يىراقلاشتۇردى،ئۇنىڭ يولسىزلىخلىرىدى بىزار بولدۇم،باھارىم بىلەن خوشلاشتىم،كۇڭۇل ئاسمىنىمدا بۇلۇتلار لەيلەپ،ئەينى چاغلاردا ئۇ ئاشىق بولغان كوزلىرىمدىن يامغۇر تۇكۇلۇشكە باشلىدى،كوز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى،نىمە ئش بۇلۇپ كەتكىنىنىمۇ پەرىق قىلالماس بۇلۇپ قالغان ئىدىم. بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى قارا ئىدى ،ئارىدىن نەچچە باھار ئۇتۇپ كەتتى،بىر كۇنى ئۇ تۇيۇقسىز قايتىپ كەلدى،ھىچنىمە دېمىدى،پەقەت قۇچىقىمغا بېشىنى قۇيۇپ يېغلاپ تۇراتتى،لىكىن بۇ چاغدا بولسا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى رەڭسىز ئىدى
شىرىن سۆھبەت تەكرار سىردىشىش ، كۆرۈشتۈردى بىزنى ئاقىۋەت . ئۇزاق مەنزىل تالاي جاپالار ، ئۈمۈتلەرگە تىلەپ خەيرىيەت.
ئارتۇق ۋەدە بەرمىدىم ساڭا ، كەلگۈسىدىن قىلمىدىم ھەم سۆز. ئۇچراشساقمۇ گەرچە تۇنجى رەت، جىمجىت بولدۇم كۆرگەچ سىنى ئۆز .
كۆڭلۇڭ يېرىم بولمۇسۇن مەندىن، سۆيگۈمىزدىن قىلما ھەرگىز غەم. قەدىرلىسەڭ تەئەللۇق سۆيگۈم، قارچۇغۇڭنى قاپلىمىسۇن نەم.
مەيلى يېنىمدا ياكى يىراقتا بول يەنىلا تەكرارلاپ تۇردىغىنىم -- سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن
*^_^* بۇلار سىزگە يارىدىمۇ،،مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىڭىز ھاردۇقتىن چىقتىمۇ؟ئەمسە ئىچى يامانلىق قىلماي QQ دا قانچە دوستىڭىز بولسا شۇنچىسىگە يوللاپ ئۇلارنىمۇ مۇھەببەت يولىدا سەگىتىڭ،مىسرانىم تور بېكىتى مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ 3~4~5 ....قاتارلىق سانلىرىنىمۇ داۋاملىق ھوزۇرىڭلارغا سۇنىدۇ،بۇ ئادرىسنى ئامال بار QQ ئارخىپىڭىزغا چاپلىۋىلىڭ،نۇرغۇن دوستلار بۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمان بولسۇن
مىسرانىم سەنئەت تور بېكىتى
|
QQ:364103